فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن 2839 ئەسكەر قولغا ئېلىندى

ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن 2839 ئەسكەر قولغا ئېلىندى.

530695
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىدىن 2839 ئەسكەر قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم  بىر مەزگىل گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانىن كېيىن قۇتقۇزۇلغان باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار ۋە بىر قىسىم مىنىستىرلار بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىلدىرىم بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش تەشەببۇسى جەريانىدا  161 كىشىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، 1440 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى، تۈركىيە ئارمىيەسىگە سوقۇنۇپ كىرىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ جۈمە كۈنى كەچتە قوزغىغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش تەشەببۇسىغا قارشى تۈن بويى دېموكراتىيە ئاساسىدا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇپ، تاڭنى نورمال ھايات بىلەن كۈتۈۋالغان مىللەتنىڭ نامىنىڭ «شەرەپلىك تۈرك مىللىتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى،  15 – ئىيۇل كۈنىنىڭ «دېموكراتىيە بايرىمى كۈنى» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەربىي - سىياسىي سۈيىقەست جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن پۇقرالارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلىدى، يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى، تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەربىي - سىياسىي سۈيىقەستنى تارمار قىلىش ئارقىلىق دېموكراتىيە ساھەسىدىكى مول تەجرىبىسىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلغانلىقىنى، تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا تانكىلارنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتقان پۇقرالار بىلەن شېھىتلارنىڭ خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات ئىكەنلىكىنى ھەمدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، قىزغىن قوللاپ باياناتلارنى ئېلان قىلغان سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن دوست دۆلەتلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتتى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئادالەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇنسۇرلار چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچارلىرى، تانكىلىرى بىلەن خەلقنى ئوققا تۇتقانلار بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىنمۇ نومۇسسىز ئەبلەخلەردۇر. بۇنداق ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار شۇنى بىلىشى كېرەككى، ھېچكىم بۇ جەڭگىۋار تۈرك مىللىتىنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سىياسىي ئويۇنلارنى ئوينىيالمايدۇ، دېموكراتىيەگە بولغان ساداقىتىگە ۋە ئەركىنلىككە تەشنا باتۇرلۇقىغا قىلچە تەڭ كېلەلمەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر