تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى

ت ب م م تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى،جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ 1915-يىل ۋەقەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش قانۇن تەكلىپىگە قارىتا ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتى.

502574
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش قانۇن تەكلىپىگە قارىتا ئېلان قىلغان ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى. تۆۋەندە باياناتنىڭ مەزمۇنى تولۇق تېكىستى بويىچە بېرىلدى.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئاساسسىز «ئەرمەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى قوللايدىغان بىر قانۇن تەكلىپىنى 2016 – يىلى 2 – ئىيۇن (پەيشەنبە) دا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق. ئاتالمىش 1915 – يىل ۋقەلىرى ھەققىدىكى تارىخىي ھەقىقەتلەر بۇرمىلانغان ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن بولمىغان بۇ قانۇن تەكلىپىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە رەت قىلىمىز.

بۇندىن 101 يىل مۇقەددەم بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئۆزىگە خاس شارائىتى ئاستىدا يۈز بەرگەن تۈركلەر بىلەن ئەرمەنلەرنىڭ ئېغىر ئازابلارنى تەڭ باشتىن كەچۈرۈشىگە ئوخشاش ۋەقەلەر تەرەپبازلىق بىلەن ئۆزگەرتىلىپ، خىلمۇ خىل سىياسىي گۇمانلار بىلەن مۇلاھىزە قىلىنىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن شەكىلدە سۇنۇلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ قانداق سىياسىيلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە سۈيىئىستېمال قىلىنغانلىقىنىڭ ئەڭ ناچار ئۈلگىسى ھېسابلىنىدىغان بۇ قانۇن تەكلىپىنى، گېرمانىيەنىڭ ئالاھىدە تارىخىي مەسئۇليىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى ۋە ئۆتمۈشنىڭ مۇرەككەپ چوققىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تىنچلىق ۋە كېلىشىم يوللىرىنى ئىزدەش جەھەتتە «تۈركلەرنى ۋە ئەرمەنلەرنى قوللاش» دېگەنگە ئوخشاش كۈلكىلىك ھەقىقەتلەر بىلەن ئىزاھلاش ھېچقانداق نەزەرگە ئېلىنماي كەلمەكتە.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن قۇربان قىلىنىدىغان ياكى سۈيئىستېمال قىلىنىدىغان ئۇقۇم بولماستىن، بەلكى خەلقئارالىق قانۇندا ئىزاھاتى ۋە مەنىسى ناھايىتى ئوچۇق كۆرسىتىلگەن جىنايەتتۇر. ئاتالمىش 1915- يىل ئەرمەنى ۋەقەلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچلىق» بولىدىغانلىقى توغرىسىدا نوپۇزلۇق بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرمۇ ھۆكمى بولمىغىنىدەك، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ھازىرغىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالمىغانلىقى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ 2015 – يىلى 15- ئۆكتەبىردىكى شىۋېيتسارىيە دېلوسى قارارى بىلەنمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنىدى. خەلقئارالىق قانۇن ۋە ياۋروپا قانۇنىنىڭ روھىغا زىت ھالدا، گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ  1915- يىل ۋەقەلىرى توغرىسىدا رەسمىي قارارىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى ھەممە ساھە ۋە تەرەپلەرگە مەجبۇرىي تېڭىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ، گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى ۋەكىللىك قىلىدىغان نېمىس خەلقىنىڭ نەزىرىدە ھامان بىر كۈنى سوئال پەيدا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدىغان يۈز مىڭلارچە مۇھاجىر تۈركلەرنىڭ رايى ۋە قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ، بۇرمىلانغان ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرىنى مائارىپ تۈزۈمى ئاستىدا ياش ئەۋلادلارغا تېڭىشنى چاقىرىق قىلىش كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلدى. گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ «مۇھاجىر تۈركلەرنىڭ گېرمانىيە جەمئىيتىگە ماسلىشىشىغا پايدىسى بولىدىغانلىقى» نى باھانە قىلىپ، گېرمانىيەدىكى 3 مىليون تۈرك توپلۇقىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى بۇ تەرىقىدە دەپسەندە قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى كىشىنىڭ كاللىسدىن قەتئىي ئۆتمەيدۇ. قىسقىسى، بۇ يولسىز ۋە قانۇنسىز قىلمىش، تۈركلەر بىلەن نېمىسلارنى بى ر- بىرىدىن ئايرىۋېىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ.

ئۇزاق ئەسىرلەردە تىنچلىق ئىچىدە ياشىغان ئىككى مىللەت، ھازىر بولسا، بىر - بىرىگە قوشنا بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئورتاق كېلەچەك بەرپا قىلىش ئۈچۈن تارىخقا لىللا نۇقتىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى  2005- يىلى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغان خىتابىنامە ئارقىلىق، ئاتالمىش 1915- يىل ۋەقەلىرىگە لىللا نۇقتىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىپ، تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەركىن ھالدا تەتقىق قىلىپ، بىردەكلىك ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھەممىگە ئوچۇق ۋە ئىلمىي ئاساستا خىزمەت قىلىدىغان ئورتاق تارىخ كومىتېتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇشنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنىدى. فېدېراتسىيە مەجلىسى تۈركىيە - ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تۈزۈتۈشكە خىزمەت قىلىشنى ھەققىي خالايدىغان بولسا؛ بىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىمىزنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، مەزكۇر قارار لايىھەنى كۆتۈرۈپ چىقىشى، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بىر تەرەپلىمە قاراش، دۈشمەنلىك ۋە ئىنتىقام ئۇرۇقلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ قويۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسنىڭ «تارىخىي مەسئۇلىيىتى» نى تارىخنى بۇرمىلاپ، ئايرىمچىلىقلارنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى تارىخىي ھەقىقەتلەرنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 

ئاخىرقى نۇقتىدا، تۈركىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىگە زىيان سالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەندىشە قىلىۋاتقان مۇنداق قانۇن تەكلىپىنىڭ فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمەسلىكى، ئەقىل بىلەن ئىش قىىلش پىرىنسىپىنىڭ غالىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم دەلىلى بولۇپ قالغۇسى!.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر