گېرمانىيە پارلامېنتى ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرىنى قوبۇل قىلدى

رەھبەرلەر گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلغان ئاتالمىش 1915 – يىل ئەرمەنى دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپى قوبۇل قىلنغاندىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى.

502863
گېرمانىيە پارلامېنتى ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرىنى قوبۇل قىلدى
yıldırım merkel telefon görüşmesi.jpg
mevlüt çavuşoğlu
numan kurtulmuş.jpg
almanya tepkiler.jpg
almanya tepkiler 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاتالمىش 1915 – يىل ئەرمەنى دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپىنىڭ، گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسى (پارلامېنتى) دە قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۈستىدە توختالدى. ئاتالمىش ئەرمەنى دەۋالىرى ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنىشىنىڭ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېنىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەگە قايتقاندىن كېيىن بېسىلىدىغان قەدەملەر ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى بىلەن مەسىلىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەرمەنى دەۋالىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىن، بېرلىندىكى تۈركىيە باش ئەلچىسىنى كېڭىشىش ئۈچۈن چاقىرتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇ تۈركىيەنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىن ئۆتكەن ئاتالمىش 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەرمەنى دەۋالىرى قانۇن تەكلىپىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز ئېنىق، بۇ بىر خاتا قارار» دېدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇرمىلانغان ۋە ئاساسسىز دەۋالارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى تارىخىي خاتالىقتۇر» دېدى ۋە بۇنىڭغا خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە تېگىشلىك جاۋاب بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۆزىنىڭ قارا بەتلىرىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاش ۋە  مەسئۇلىيەتسزلىك قىلىش بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدۇ.»

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ياسىن ئاكتاي تۈركىيە – گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، بۇ قانۇن تەكلىپى بىلەن ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ قارارى دوستانە ئەمەس، مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ئېغىر زىيان سالدى» دېدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بارىش ياركاداش بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ قارار ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ، پارلامېنتلار بۇ خىل تارىخىي ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىشتىن ۋاز كېچىشى لازىم» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىنى ئەيىبلەپ ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىشقا تەييارلاندى.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى ئەرمەنلەرنىڭ 1915 – يىل دەۋالىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. قانۇن تەكلىپىنى ئاۋازغا قويۇشقا باش مىنىستىر مېركېلنىڭ قاتناشماسلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. ئۇ قانۇن تەكلىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ، ئازغىنە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيە بىلەن كەڭ دائىرەلىك ۋە ناھايىتى كۈچلۈك مۇناسىۋەتلىرىمىز بار» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.  

بۇ پەيتلەردە، گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر