22.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2118780
22.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ۋەتەن: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يادرو ئېنېرگىيەسى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «غەززەدە قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يادرو قورالى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى پەقەت <بىپەرۋالىق> دەپلا ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولمايدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ: «بىز ئىراق چېگراسىدا بىخەتەر رايون بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزگە كېلىدىغان تەھدىتكە يىراقتىن تاقابىل تۇرۇشنى ھەمدە قاتناش ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرى ئارقىلىق رايوننىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشنى نىشان قىلماقتىمىز» دېگەن باياناتىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سەھنىلەردە تاشلاۋاتقان قەدەملىرىنىڭ گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى يازدى؛ گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان قوشنا دۆلەت تاراتقۇسى «In.gr»، ئەنقەرەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى بىر خەرىتە ئارقىلىق ئىزاھلاپ، «ئەنقەرەنىڭ رايوندا ماھىرلىق بىلەن ئۆزىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: ئىسپانىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركىتى —نوردېكس گۇرۇھى باش مۇدىرى جوسې لۇئىس بلانكونىڭ، شىركەتنىڭ تۈركىيەگە سالغان قۇرۇقلۇقتىكى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەبلىغىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كېلەر يىلى بىز 1 گىگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش ئۈچۈن، 1 مىليارد ياۋرو (35 مىليارد 300 مىليون TL) مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئىبراھىم يۇماكلىنىڭ غازىئانتەپنىڭ ئارابان تۈزلەڭلىكىدە ئۆستۈرۈلگەن سامساقنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەھسۇلات كۆرسەتكۈچىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيەلىك مەھسۇلات كۆرسەتكۈچىگە ئېرىشكەن مەھسۇلاتلار سانىنىڭ 21 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر