20.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2117665
20.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۈررىيەت» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يەر تەۋرەش رايونىدىكى مىڭلارچە يېڭى ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتتە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سېلىنىۋاتقان يېڭى ئۆيلەر سانىنىڭ ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ نوپۇسى ۋە ئۆي سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئۆزلىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋەتەن» گېزىتى: ئەسىرنىڭ ئاپىتىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان 11 ۋىلايەتتىكى يەنە 30723 ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆيلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىر يېرىم ئاي ئىچىدە يەر تەۋرەش رايونىدا 76 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى ئۆينىڭ پۈتكۈزۈلگەنلىكىنى، يىل ئاخىرىغىچە بۇ ساننىڭ 200 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«ساباھ» گېزىتى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا، زاپ، خاكۇرك، گارا ۋە قاندىل رايونلىرىدىكى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشلىتىۋاتقان 27 ئورۇنغا ھاۋادىن زەربە بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ھېچبىر شېھىتىمىزنىڭ قېنىنى يەردە قويمىدۇق، قويمايمىز!» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار» گېزىتى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى پ ك ك تەھدىتىنى يوقىتىش مەسىلىسىدە كېلىشكەن تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ، دىققىتىنى تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باغدادتىن كېلىدىغان بىر ئۈمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىپ قارار چىقىرىلىدىغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تەرەپلەر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق پ ك ك نى يوقىتىش پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ماددىلىق بىر رامكا كېلىشمىنى ئىمزالايدىكەن.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ پولات-تۆمۈر سانائىتى ئېكىسپورتىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %15.8 ئېشىپ، 2 مىليارد 503 مىليون 142 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە، رۇمېنىيەنىڭ پولات ئېكسپورتىدا 192 مىليون 284 مىڭ دوللار بىلەن بىرىنچى؛ ئىتالىيەنىڭ 136 مىليون 499 مىڭ دوللار بىلەن ئىككىنچى، گېرمانىيەنىڭ 122 مىليون 471 مىڭ دوللار بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر