19.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2117244
19.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 18-مارت شېھىتلەرنى خاتىرىلەش ۋە چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 109-يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىملىرىدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان ئۈچ كىشىنىڭ چېگرا قوغداش تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، بايكار شىركىتىنىڭ ئالاھىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياسىغان «بايراكتار ئاكىنجى» ئۇچقۇسىنىڭ، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان «İHA-230 » باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى نىشانغا يەنە بىر قېتىم دەل تەگكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، قازاقىستان ۋە تۈركىيە ھەيئەتلىرىنىڭ كاسپىي دېڭىزىدا بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ تۆتىنچى قېتىم «يىللىق ئايرودۇرۇم» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، گىرېتسىيەنىڭ ئېكالى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇم باشلىقىنىڭ  ۋەكىلى سەلاھاتتىن بىلگەنگە مۇكاپاتنىڭ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر