15.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2115761
15.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدە داۋالىنىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ ساغلاملىق ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلۈشىنىڭ تەدرىجىي ئېشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانى 225 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن.

«ساباھ» گېزىتى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) باشلىقى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلارنىڭ ئىراق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئاساسلىقى بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ لوندوندا ئەنگلىيە سودا ئىشلىرى ۋەزىرى كېمى بادېنوچ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئەنگلىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىلاش توغرىسىدا سۆھبەت باشلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈركىيە ئىقتىسادىدىكى ئىجابىي يۈزلىنىشنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى، ئەنگلىيەنىڭ HSBC بانكىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ 2024-يىللىق ئېشىش مۆلچەرىنى %2.5 تىن %3.1 كە ، 2025-يىللىق ئېشىش نىسبىتىنى %3.5 تىن %3.6 كە چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ بايانات بېرىپ، قويۇپ بېرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان يەرلىك سۇپا قۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، «دۆلەت ئەربابلىرىمىز بۇ ھەقتىكى خۇشخەۋەرلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ» دېگەن گەزەرئاۋجى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدە 10 نىشان بېكىتىلدى، بۇ نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى خىزمەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر