14.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2115317
14.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (13-مارت) بايانات ئېلان قىلىپ، «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ زېمىنلاردا ئورنىتىلماقچى بولغان زۇلۇم تەرتىپىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ بېشىغا بالا قىلىندى. بىراق، بىز يېقىنقى 21 يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرغان دېموكراتىيە ۋە تەرەققىيات ئىنقلابلىرى ئارقىلىق بۇ ئويۇننى بۇزدۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ۋاشىنگتونغا ئېنىق سىگنالنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراكتارنىڭ بۇ يىل (2024) ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېڭى كەشىپلەرنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «قارادېڭىزدىكى ئۈچ مۇھىم ئورۇندا بۇ يىل ئىچىدە تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى باشلايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنىڭ باشلىقى خالۇق گۆرگۈننىڭ 2018-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە يەر شارى قورال-ياراغ ئېكىسپورتىنىڭ %1.1 نى ئىگەللەپ 12-رەتتىن ئورۇن ئالغان تۈركىيەنىڭ، 2019-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان مەزگىلدە بۇ رەقەمنى %1.6كە چىقىرىپ 11-رەتكە ئۆرلىگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر