08.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2112688
08.03.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشۈپ، غەززەدە تېزدىن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش ۋە يوللىنىدىغان ياردەم ئەشيالىرىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فىدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق روھىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىپ، پ ك ك گۇماشتىلىرى بىلەن بولغان مۇناسۋىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق پ ك ك نى يوقىتىشنى پىلانلىغان تۈركىيەنىڭ، ئوۋاكوي چېگرا ئېغىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيات يولى تۈرى خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرغانلىقىنى يازدى.

خەۋەردە، كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تۈر پ ك ك نىڭ  ئىراق-سۈرىيە ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان تەبىئىي توسۇق بولۇپ قالىدىكەن.

«ستار» گېزىتى: ئامېرىكانىڭ «Business Insider» ژۇرنىلىنىڭ 21-فېۋرال تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان تۈركىيەنىڭ 5-ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى — كائان ھەققىدىكى ئانالىزىدا، قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭ رۇسىيەدە ئىشلەنگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىغا كائاننى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى يازدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىڭ بايانات بېرىپ: «گاباردىكى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىزنى 37 مىڭ ۋارىلدىن ئاشۇردۇق. ئاپرېلدا توققۇز يېڭى قۇدۇق ئېچىلىدۇ، نىشانىمىز 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىزنى 100 مىڭ ۋارىلغا يەتكۈزۈشتۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر