29.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2108932
29.02.2024

«ۋەتەن گېزىتى»، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاندىن رuسىيە ۋە ئۇكرائىناغا چاقىرىق؛ <دىپلوماتىيىگە پۇرسەت بېرىڭلار!> سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇكرائىنا جەنۇبىي شەرقىي ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا سىنلىق ئۇچۇر يوللىدى. ئەردوغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە: «ئۇرۇشنىڭ ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بىر تىنچلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرىلىشى ئۈچۈن دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگقا پۇرسەت بېرىش كېرەك دېگەن قارىشىمنى ساقلاپ كەلمەكتىمەن» دېدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ تۈركىيەگە كېلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «لاۋروۋ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىىش ئۈچۈن 1 – ۋە 2 – مارتتا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ. لاۋروۋنىڭ تۈركىيەلىك مەنسەپدىشى خاقان فىدان بىلەنمۇ ئۇچرىشىشى پىلانلانلانماقتا» دېدى.

«ستار گېزىتى»، «ئافىنا ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىن ئالغان ئىلھام بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

گرېتسىيە پىرېزىدېنتلىقى ئۇچۇر - ئالاقە باشقارمىسى تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تۈركىيە ئۇچۇر - ئالاقە ئەندىزىسى» نىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىلھام ئېلىپ، تەتۈر تەشۋىقاتقا قارشى كۈرەش مەركىزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر بۆلۈم قۇرىدىغان بولدى.

«ساباھ گېزىتى»، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بېلىقچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسى باش دېرىكتورى مۇستافا ئالتۇچ ئاتالاينىڭ بۇلتۇر بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق مەھسۇلاتلىرىدا رېكورت ياراتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇلتۇر 1 مىليون توننىغا يېقىن بېلىق قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ يىللىق يېتىشتۈرۈش نىشانىمىز 575 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىنستىتۇتى (TUIK) نىڭ تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ سانلىق مەلۇماتىقا ئاساسلانغاندا، دېكابىردىكى تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %56.4 تۆۋەنلەپ، ئەسلىدىكى 14 مىليارد 290 مىليون دوللاردىن 6 مىليارد 227 مىليون دوللارغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر