20.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2104778
20.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قاراباغدا ئەرمەن ئىشغالىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت پەنجىرەسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنىمىزدە دۇنيادا گېپى ئۆتىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەلىيېۋنىڭ، «تۈرك دۇياسىنىڭ بىرلىشىشى ۋە ئوخشاش مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئافېنانىڭ ئەنقەرە-قاھىرە يېقىنلىشىشىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە تاشلىغان قەدەملىرى بىلەن گېئوپولىتىكىلىق سەھنىدە «تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كەلگەنلىكى» نى خەۋەر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يېرخوۋنىڭ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىلىشى ۋە ئارقىدىن مەسىلىنى ھەل قىلىش باسقۇچلىرى مەسىلىسىدە ياردەمچى بولۇش ئارزۇسىنى؛ ئۇنىڭدىن باشقا قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى قەتئىي قوللاش ئىرادىسىنى تەقدىرلەش كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيەدە ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 2023-يىلىنىڭ تۆتىنچى چارىكىدە 2022-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا 0.4 نومۇر تۆۋەنلەپ، %8.8 گە چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ مەزگىلدە ئىشسىزلار سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا 137 مىڭ كىشى ئازىيىپ، 3 مىليون 70 مىڭ بولغان. ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى بولسا، 195 مىڭ كىشى كۆپەيگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر