19.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2104169
19.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ۋەتەن گېزىتى»، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ «پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا، سەككىز تېررورىستنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياۋروپانى تەنقىدلەپ: «داۋاملىق رۇسىيەنى ئېنېرگىيە مەنبەسى بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى، چەكلىگەنلىكىنى بازارغا سالدى. بىز ھېچنىمىنى چەكلىمىدۇق، ھەممە نەرسىنى بېرىۋاتىمىز. ئەڭ ئىشەنچلىك شېرىك تۈركلەر بولدى. شۇڭا، <تۈرك ئېقىمى> ئارقىلىق ئېنېرگىيە يەتكۈزۈلۈۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە مىنىستىرى فاتىھ كاجىرنىڭ تۈنۈگۈن (18-فېۋرال) ئىستانبۇلدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سېلىنما مىنىستىرى خالىد ئەلفاتىھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىدىغان چارە-تەدبىرلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، قاتناش مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرۇلئوغلۇنىڭ تۈرك ئېنژېنېرلار تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان كۆزىتىش رادارىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنغانلىقىنى ۋە غازىئانتەپ ئايرودۇرۇمىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ 2028-يىلى ساياھەتچىلەر سانىدا ئالدىنقى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، 100 مىليارد دوللار كىرىم قىلىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر