16.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2103116
16.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھقا قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ: «پۇقرالارنى <پالانى يەرگە كېتىڭلار، ئۇ يەر بىخەتەر> دەپ ئۆزى كۆرسىتىپ بەرگەن جاينى بومباردىمان قىلىشنىڭ ئىنسانىي قىممەت قاراش، ئۇرۇش قانۇنى، خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن كېلىدىغان يېرى بارمۇ؟! ئىنسانىيەت بۇ پەريادقا دەرھال قۇلاق سېلىشى كېرەك. تارىخ ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا قىرغىن قىلىنىشىغا كۆز يۇمغۇچىلارنى سوتلايدۇ. بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى سادىر قىلغانلار بولسا، ئاللىقاچان تارىخ ئالدىدا <گۇناھكار> دەپ جاكارلىنىپ بولدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يول تۇتۇپ، تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەلىرىدىكى كىملىك ​​سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي غەرەزلىرىگە قۇربان قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەك» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگنىڭ، تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ جەنۇبتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندالغانلىقى، ئىككىنچى قېتىملىق ئالەم ئۇچقۇچىسى سەپىرىنى مۇشۇ يىل (2024) ئاپرېلدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، 2026-يىلىغا بارغاندا ئايغا قەدەم قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ساباھ» گېزىتى: دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەلىرى قاتارىغا كىرگەن تۈركىيەنىڭ، بۇ قېتىم ئامېرىكانىڭ «يەرشارى ئوت كۈچى» ناملىق تور بېكىتى ئېلان قىلغان تىزىملىكتىمۇ بىراقلا ئىككى بالداق ئۆرلەپ، 80 دۆلەت ئىچىدە 7-رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر