14.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2102050
14.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، 120 دىن ئارتۇق سەئۇدى ئەرەبىستان شىركىتىنىڭ تۈركىيە شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شىركەتلەرنىڭ ئېنېرگىيەدىن بانكاچىلىق، مۇداپىئەدىن ئاۋىياتسىيەگىچە بولغان كەڭ ساھەدە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنىڭ يانۋار ئېيىدا %9.3 ئېشىپ 3.1 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، يانۋار ئېيىدا ئىستانبۇلنىڭ 772.3 مىليون دوللارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغانلىقى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ جەمئىي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنىڭ %24.7 نى ئىگەللەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئىستانبۇلنىڭ 2023-يىلدا 17 مىليون 370 مىڭ 30 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، رېكورت ياراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ «بۇ يىل نېمە ئۈچۈن تۈركىيەدە دەم ئېلىش يىلى؟» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئوقۇرمەنلىرىگە تۈركىيەدە دەم ئېلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، دۇنيادا كىشىلەرنى بارغانسېرى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ساياھەت مەركەزلىرىنىڭ، 2024-يىلدا ئىسپانىيەدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ساياھەت قىلىنىدىغان ئىككىنچى دۆلەت فىرانسىيەنى ئارقىدا قالدۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر