13.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2101597
13.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ،  «ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بومباردىمانلىرى ۋە قەتلىئاملىرى يەتمىگەندەك، جەنۇبتىكى رەفاھ شەھىرىنىمۇ شىددەتلىك بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلىۋاتىمىز. بۇ غەززە خەلقىنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەر ئاۋجىنىڭ تۈنۈگۈن (12-فېۋرال) ئەنقەرەەە يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ھېچقانداق قىينالمىدىم» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالپەر گەزەرئاۋجىنى ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلغان.

«ۋەتەن گېزىتى»، قاتناش مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرۇلئوغلۇنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئۇچقۇلارنى «تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھلىرى ئارقىلىق كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دېكابىر (2023) ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %8.8 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ: #ساباھ , #ۋەتەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر