12.02.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2023-يىلى 6-فېۋرال يۈز بەرگەن قاھرامانماراش يەر تەۋرەش ئاپەتلىرىدىن كېيىن، رايوننى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش خىزمەتلىرىنى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«ھۆررىيەت گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK Parti) نىڭ ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى نانزاتى ئەزىز يەنىئاينىڭ سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەدە ئايال ئاكادېمكلار نىسبىتىنىڭ ياۋروپا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، تۈركىيەدە ئۇنىۋېرستېتلاردىكى ئايال ئاكادېمىكلار نىسبىتىنىڭ %46.4 كە چىقىپ، ياۋروپا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىرىدىكى %43 لىك ئايال ئاكادېمىكلار ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
«ستار گېزىتى»، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىگە مەدھىيەلەر ئوقۇغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ، «تۈركىيە قوراللىق ئۇچقۇلىرى تېخنولوگىيەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10.05.2024
بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە: