09.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2100073
09.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (8-فېۋرال) ئادىياماندا  «يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا ئۆي تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى» قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەردوغاننىڭ 2 مىڭ 798 يۈرۈش ئۆي تارقىتىلغان مۇراسىمدا، «مۇداپىئە سانائىتى مەبلىغىنى يەر تەۋرەش رايونلىرىغا ئاجراتتۇق» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋنىڭ تۈنۈگۈن پۇتىننىڭ تۈركىيە زىيارىتى تەييارلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 44 تېررورىستنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، 2024-يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا 2023-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا ئانتالياغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ %4.13 ئېشىپ 229 مىڭ 97 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر