08.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2099444
08.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ يەر شارىغا قايتىش سەپىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تۈنۈگۈن (7-فېۋرال) ئەنقەرە ۋاقتى 17 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە قايتىش سەپىرىنىڭ 48 سائەت داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، ھاماسنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سۇنغان تەكلىپىدە، تۈركىيە، مىسىر، قاتار، رۇسىيە ۋە ب د ت نىڭ ھەر تۈرلۈك كېلىشىمدە كېپىل بولۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ياردەم قىلىش مەسىلىسى بويىچە ئېلان قىلغان باياناتىدا تۈركىيەنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ، «ئېكىسپورتىمىز 2023-يىلى دۇنيا ئېكىسپورتى ۋە ئىمپورتىدا چېكىنىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، %0.64 ئېشىپ 256 مىليارد دوللارغا يەتتى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ب ب س (BBC) نىڭ دۇنيادا ئەڭ كۆپ ساياھەتچى كۈتۈۋالغان 10 شەھەر تىزىملىكىگە كىرگەن ئىستانبۇل بىلەن ئانتاليانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) مەزگىلىدىن كېيىن، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ مەزكىزى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر