07.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2098685
07.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن قاھرامانماراشتا ئۆتكۈزۈلگەن يەر تەۋرەش تۇرالغۇلىرى چەك تاشلاش ۋە تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ: «يەر تەۋرەشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر قىش ھاۋاسى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دەسلەپكى كۈنلىرىدە پىداكارلىق بىلەن يەر تەۋرەش رايونىغا يېتىپ كەلگەن قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ھېچبىرىنى ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تۈنۈگۈنكى مۇراسىم جەريانىدا 9289 ئۆي چەك تاشلاش ئارقىلىق بېكىتىلگەن كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە شەرق بىلەن غەرب ياكى ھەر قانداق تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇشنىڭ قايتا باشلىنىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز بېنغازىدىكى كونسۇلخانىمىزنى قايتىدىن ئېچىشنى قارار قىلدۇق، ئۇنى پات يېقىندا ئاچىمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى: يانۋار ئېيىدا شەرقىي قارا دېڭىز رايونىدىن ئېكسپورت قىلىنغان تۈركىيە سالمۇن بېلىقىنىڭ يىللىق نىسبەتتە %59 ئېشىپ، 11 مىليون 240 مىڭ 719 توننىغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 2023-يىلى 2022-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 92 مىڭ 824 ئادەم كۆپىيىپ، 85 مىليون 372 مىڭ 377 گە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: ئامېرىكا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى — فىتچنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ توققۇز دۆلەتكە كىرىدىغان مەبلەغنىڭ بۇ يىل (2024)  يېقىنقى 10 يىلنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىپ، 200 مىليارد دوللارغا يېتىشىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر