05.02.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2097607
05.02.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆررىيەت گېزىتى»،  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غازىئانتەپتىكى شەھەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شەھەرلىرىمىزنى، ئۇل-ئەسلىھەلىرى، شەھەر مەركىزى ۋە يېزا-قىشلاقلىرى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگىچە دەم ئالمايمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

 «ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن فاتىھ قاراخاننىڭ پۇل پاخاللىقى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاتىھ قاراخاننىڭ، «پۇل پاخاللىقى نىشانىمىزغا ئۇيغۇن سەۋىيەلەرگە چۈشكىچە كېرەكلىك پۇل سىياسىتىنى قەتئىي ھالدا يولغا قويىمىز» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، سودا مىنىستىرلىقى يانۋار (2024) دا 45 ۋىلايەتنىڭ ئېكسپورتىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىستانبۇلنىڭ يانۋار ئېيىدا جەمئىي 4 مىليارد 330 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت ھەجىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، تاجىكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەشرەفجون گۇلوۋنىڭ، «تاجىكىستان بولۇپمۇ، ئالتۇن، ئاليۇمىن ۋە باشقا مىنېراللارنىڭ چىقىرىلىشى، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەردە دوست دۆلەت تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە كارخانىلارنى قۇرۇشنى نىشان قىلماقتا» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى يەر شارىغا قايتىشى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ، «ئالەم سەپىرىمدە قىلغان تەجرىبە-سىناقلىرىم بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن دۆلىتىمگە قايتىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.             


خەتكۈچ: #ۋەتەن , #ساباھ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر