26.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2093659
26.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خابەرتۈرك» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى رامافوسا بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەردوغان بۇ ھەققانىي دېلونى كىشىلىك ھوقۇققا ئۇيغۇن شەكىلدە نەتىجىلىنىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ساباھ» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان <شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى>غا مۇناسىۋەتلىك قانۇننىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارار قىلغانلىقىنى ۋە ئالاقىدار ھۆججەتنى ئىمزالاپ، مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى تەستىقلىغانلىقىنى يازدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رىياسەتچىلىك قىلغان دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا: «دۆلىتىمىزگە خەۋپ پەيدا قىلىدىغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىغا— خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق-ھوقۇقىمىز دائىرىسىدە— زامان ۋە ماكاننىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، باياناتتا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتنى ۋە تاشلانغان ئەمەلىي قەدەمنى كۆرمەي تۇرۇپ، بۇ خىل خەۋەرلەرگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇنداقلا رايوننىڭ مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېقىندىن كۆزىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«ستار» گېزىتى: قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 21-نۆۋەتلىك ئاستانە سۆھبەت يىغىنىدا، مېخانىزىمنىڭ كېپىل دۆلەتلىرى بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، سۈرىيە زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىپ قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ۋە سوقۇنۇپ كىرىش قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان بۆلگۈنچى ھەرىكەتلەرگە قارشى ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر