25.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2093108
25.01.2024

«ساباھ گېزىتى»، «ئەردوغان بىلەن رەئىسى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇچۇر بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىيسى بىلەن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئەردوغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختىلىپ، «دۆلەتلىرىمىزنىڭ ۋە رايونىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان پ ك ك/ي پ گ/پ ي د ۋە پجاك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى مۇزاكىرىلەشتۇق» دېدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «ئەردوغان: <ئالەم ئۇچقۇچىلىرىمىز ئالەم بوشلىقىغا سەپەر قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىش ئارقىلىق بۇ ساھەدە تارىخىي قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان: «ئالەم بوشلۇقىغا راكىتا يوللاش داۋاملىشىدۇ، ئاۋىئاماتكىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى داۋاملىشىدۇ، پاراخوت ئەترىتىمىز توختىماستىن دېڭىزغا چىقىدۇ. چۈنكى بىز قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا، ھاۋادا، ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولىمىز.  ئىنشائاللاھ مۇداپىئە سانائىتىمىزدە كۈچىمىزنى نامايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىرنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلاردىن بىرىنىڭ ئالەم سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ھەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان لايىھەلەرنى تەرتىپ بويىچە تىلغا ئېلىپ، «سۈنئىي ھەمراھ ئىشلەپچىقىرىشتا ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىمىزنى يېڭى تۈرلەرگە يەتكۈزىمىز. ئەنقەرەدە ئالەم تېخنىكىسى تەرەققىيات رايونى قۇرىمىز. خەلقئارالىق لايىھەلەرگە ئىشتىراك قىلىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، «گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم ساياھىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنكاس پەيدا قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئالەم بوشلۇقىغا چىققان قازاقىستاننىڭ ئۈچىنچى ۋە دۇنيا بويىچە 545 - ئالەم ئۇچقۇچىسى ئايدىن ئايمبېتوۋ تۇنجى تۈركىيە ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋچىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىققانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق ئادەملىك ئالەم ساياھىتىگە قاتنىشىشى دېگەنلىك، تۈركىيەنىڭ ئادەملىك ئالەم پىلانىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييارمىز» دېدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئامېرىكىدا پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ پالاتا ئەزالىرىغا خەت يېزىپ، تۈركىيەگە 20 مىليارد دوللارلىق لوكخىد مارتىن F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش زاپچاسلىرىنى سېتىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر