24.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2092722
24.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن غەززە يىغىنىدا، «غەززە ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش، تىنچلىق ئېلپ كېلەلمەيدۇ. بۇ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 287 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ تەكلىپنى قوللاپ ئاۋاز تاشلىغانلىقى، 55 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ رەت قىلغانلىقى ۋە تۆت پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىننىڭ تۈنۈگۈن (23-يانۋار) ئىراق پىرېزىدېنتى ئابدۇللاتىف رەشىد ۋە باش مىنىستىر مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، كۆرۈشۈشلەردە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشتە بېسىشقا تېگىشلىك ئورتاق قەدەملەر، شۇنداقلا بۇ مەسىلىدىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلنغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى پېسكوۋنىڭ پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تۈركىيەنى زىيارەت قىلىش تەييارلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ئېنېرگيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراكتارنىڭ تۈنۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سېلىنما مىنىستىرى مۇھەممەد ھەسەن ئەسسۇۋەيدى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مۇناسىۋەتلىك پىلان-لايىھەلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر