23.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2092060
23.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۆرىيەت گېزىتى»، «ئالپەر گەزەرئاۋجى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئالاقىلەشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۇنجى تۈركىيەلىك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجى خەلقئارا ئالەم پونكىتى (ISS) غا يېتىپ بېرىپ 3 – كۈنىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىۋاستە ئالاقىلەشتى.

خەۋەردە، ئەردوغاننىڭ، «بۇ ۋەزىپە بىلەن بىرلىكتە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ۋە ياشلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. سىز بىزنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىمىز بولدىڭىز. ئەمما ئەلۋەتتە ئاخىرقىسى بولمايسىز. بۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىيە ئادەم ئەۋەتىپ ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ساناقلىق دۆلەتلەر ئىچىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئىنشائاللاھ بۇ سەپىرىمىز تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، «مىنىستىر گۈلەر: <ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم بوشلۇقى سەپىرى دۆلىتىمىز ئۈچۈن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدەمدۇر> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر تۈنۈگۈن (22-يانۋار) ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۇنجى قېتىم بىر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ يەنە كېلىپ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇچقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان پولكوۋنىك ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ سەپەر دۆلىتىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىلگىرىلىشىنىڭ يېڭى ۋە تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قەدىمى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىزنىڭ ئالەم تەتقىقاتىمىز قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدۇ» دېدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «قەھرىمان تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىز سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى رايونىغا ئوق چىقارغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 14 تېررورچىنى زەمبىرەك بىلەن ئۇجۇقتۇردى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، «قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات يولغا قويۇلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش كېڭىشى تۈنۈگۈن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلمازنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر يەرگە جەم بولدى. يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، <تۈركىيە ئەسرى> تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورتنى مەركەز قىلغان يۈزلىنىش بىلەن ئىقتىسادىمىزنىڭ رىقابەت كۈچىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلار يولغا قويۇلىدۇ» دېيىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 2023 – يىلىدا ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %31 ئېشىپ، 7 مىليارد 650 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر