19.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2090611
19.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ستار» گېزىتى: SpaceX نىڭ تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىمۇ ئولتۇرغان ئالەم كېمىسىنىڭ فلورىدادىكى كېننىدى ئالەم بوشلۇقى مەركىزىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، گەزەرئاۋجىنىڭ ئالەم ساياھىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ قاچىرنىڭ، «بىز كەلگۈسىدە مىللىي ئىچىدىكى ئالەم كېمىمىز بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئاي سەپىرىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرىمىز، مىللىي راكېتا سىستېمىمىز بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا كىرىش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئالەم كېمىسى پورتىمىزنى قۇرىمىز» دېگەن سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ھەرگىزمۇ بەل قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىرىلىرى ھەر خىل ئىسىملارنى قويۇپ قوللىغان، ئەزالىرىنى تەربىيەلەپ قوراللاندۇرغان بۆلگۈنچى تەشكىلاتقا چېگرامىزدا <تېررورىستان> قۇرغۇزماقچى بولۇشتى. چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق بۇ پىلاننى بۇزغانلىقىمىز ئۈچۈن، دۆلىتىمىزگە بەدەل تۆلەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇشتى. ئۇلار بىزنى ھەرگىزمۇ ئارقىغا چېكىندۈرەلمەيدۇ، يولىمىزدىن قايتالمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقىنى ئىسرائىلىيە ئەمەس، ئەكسىچە، پەلەستىنلىكلەر ۋە رايوندىكى دۆلەتلەردۇر» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىراننىڭ ئىراق ۋە پاكىستان زېمىنلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئەۋجىگە چىققان جىددىيچىلىكتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دوست ۋە قېرىنداش ئۈچ دۆلەتنى ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر