18.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2090266
18.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»،  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كابېنت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش توغرىسىدىكى باياناتلىرىنىڭ دۇنيادا كەڭ ئەكس سادا پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، خەلقئارالىق ئاگېنتلىقلارنىڭ ئارقىمۇ ئارقىدىن، «تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «يا يېنىمىزدا تۇرىسىلەر ياكى قارشىمىزدا» دېگەن سىگنالىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىغا كىيېۋنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىدىن قوپۇپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئىستانبۇلدا ھەممە مەسىلىلەردە كېلىشكەن ئىدۇق» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەدە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلاردا بولغان گىرېتسىيە ساياھەت مىنىستىرى ئولگا كېفالوياننىنىڭ 10 ئارالدا يولغا قويۇلۇشى پىلان قىلىنغان تاموژنىدا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش بەلگىلىمىسىنىڭ مارت (2024) ئېيىدا باشلىنىپ، يىل بويى داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، ياۋروپا كومىتېتى يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا تەرەققىيات باش ئىدارەسىنىڭ جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچ دىرېكتورى دىياگو كانگا فانونىڭ سافرانبولۇ زەپەسىگە جۇغراپىيەلىك كۆرسەتكۈچ بېرىلىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر