16.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2089222
16.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ 12-يانۋار پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا توققۇز ئەسكەر شېھىت بولغاندىن كېيىن، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 77 تېررورىستنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ياشار گۈلەرنىڭ تېررورىستلار پاناھلىنىۋاتقان ئۆڭكۈر ۋە ھەر خىل ئورۇنلاردىن 78 نىشاننىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، گېرمانىيەدە چىقىدىغان فاز (FAZ) گېزىتىدە، ئۆتكەن ھەپتە ئۇچۇش سىنىقى قىلىنغان «3-ئانكا» (ANKA-3) ئۇچقۇچىسىز ئۇرۇش ئايروپىلانى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ماقالىدە، غەربنىڭ قورال-ياراغ ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلىشىنىڭ نەتىجىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى كۈچىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە بۇنى توختىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ مىسىر، ئۇكرائىنا، ئىراق، بۇلغارىيە، لىۋىيە ۋە رۇمېنىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتە سانائەت رايونى قۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىلياردلارچە دوللار سەرپ قىلىنىدىغان يېڭى سانائەت رايونىنىڭ ئۆزبېكىستاندا قۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئاياسوفيا جامەسىدە 15-ياۋار (2024) دىن تارتىپ يېڭى بەلگىلىمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئاياسوفيا جامەسىنى زىيارەت قىلىدىغان چەت ئەللىكلەردىن 25 ياۋرو ھەق ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەسكەرتىلىشىچە، جامەنى ئىبادەت ئۈچۈن زىيارەت قىلىدىغان تۈركىيە پۇقرالىرى ئۈچۈن ھەق ئېلىنمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر