12.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2087732
12.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار» گېزىتى: تۈركىيە، رومىنىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ قارا دېڭىز مىناغا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر مۇراسىمدا سۆز قىلىپ: «بىز رايون ۋە يەر شارىۋى بىخەتەرلىك، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىز مونترېكىس بوغۇزلىرى ئەھدىنامىسىنى ئەستايىدىللىق، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىتەرەپ ھالەتتە يولغا قويدۇق» دېگەن.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىتسوتاكىسنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولۇشقا باشلىغانلىقىنى، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ گىرېك ئاراللىرىنى ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش تۈزۈمىنىڭ مارتتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى خالۇق گۆرگۈننىڭ «بوزدوغان» ۋە «گۆكدوغان» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان  بومبىلىرىنىڭ لايىھە تەكشۈرۈش سىنىقىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بايان قىلىپ: «باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمىز قوبۇل قىلىش سىنىقىغا تەييار» دېگەنلىكىنى يازدى.

«ساباھ» گېزىتى: «توگگ»نىڭ يېڭى مودېلىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان «2024 – يىللىق ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرون يەرمەنكىسى»دە  تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى، «توگگ»نىڭ دۇنيا سەھنىسىگە چىققان يېڭى مودېلى «T10F» نىڭ زىيارەتچىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، توكلۇق ماشىنىلار توغرىسىدا ماقالىلەرنى يازىدىغان ئامېرىكالىق كىمبېرلىي جاۋاھېرى: «لايىھە ناھايىتى ئېسىل، ئىنتايىن گۈزەل. مەن ئومۇمىي جەھەتتىن بەكلا تەسىرلەندىم» دېگەن.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: CNN ساياھەت قانىلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 20 خىل شورپىنى رەتكە تىزىپ چىققانلىقى؛ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىنتايىن مەززىلىك شورپىلىرى قاتارىغا تۈركىيەنىڭ «يايلاق شورپىسى»نىڭمۇ كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر