10.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2086624
10.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئېنبېك كۇلۇنبايېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر فىدان قىرغىزىستانلىق مەنسەپدىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، غەربنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى قوللىشىنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە تېررور سۇيىئىستېمال قىلىدىغان ساھەلەر قالمىدى. دۆلىتىمىز خەلقى بىلەن بىر گەۋدىلەشتى. قەيەردە تېررور تەھدىتى ياكى بىر تېررورچى بولسا، ئۇنى ئۇۋىسىدا تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز، ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە، كۈرىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: 2023-يىلى ئانتالياغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 395 مىڭ 479 تىرانس يولۇچىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، 16 مىليون 84 مىڭ 737 گە يېتىپ، ئانتاليا ساياھەتچىلىكى تارىخىدا تۇنجى قېتىم 16 مىليون ساياھەتچى ئۆتكىلىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى يازدى.

«ۋەتەن» گېزىتى: گۈلە – قاق ئىشلەپچىقىرىشتىكى بايراقدارلىق ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ 2023-يىلى 70 مىڭ 869 توننا گۈلە ئېكسپورت قىلىپ، 408 مىليون 74 مىڭ دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار» گېزىتى: «توگگ»نىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لاسۋىگاس شەھىرىدە باشلانغان 2024 - يىللىق دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىستېمالچىلار ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدىكى ئورنىنى ئالغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، توگگ يەرمەنكىدە ئىككىنچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىسى T10F نى دۇنيا سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر