09.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2086144
09.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، قىزىل دېڭىزدا 4-3 ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پاراخوت قاتنىشى سەۋەبىدىن، ياۋروپانىڭ تۈركىيەدىن مال ئېكىسپورت قىلىشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ، «ئىككى كۈندە تۈركىيەدىن قاتناش-تىرانسىپورت ئارتۇقچىلىقىمىز سايىسىدا تاۋارلىرىمىزنى ياۋروپا بازارلىرىغا يەتكۈزەلەيمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ستار گېزىتى»، سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ 2023-يىلنىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا %4.7 ئاشقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، 2023-يىلى دۇنيا سودىسى %5 چېكىنگەن ئەھۋال ئاستىدا، تۈركىيە ئېكىسپورتىنىڭ 255 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى، 2023-يىلنىڭ دەسلەپكى توققۇز ئېيىدا تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ %4.7 ئاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ھاۋا يوللىرىنىڭ 2023-يىلدا 83.4 مىليون يولۇچى توشۇپ، تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى يولۇچى توشۇش رېكورتى ياراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالئارسلان بايراكتارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەشكە 2030-يىلغىچە 20 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىنىستىر بايراكتارنىڭ، «بۇ سېلىنمىلار سايىسىدا 2040-يىلغىچە 46 مىليارد دوللار تېجەپ قىلىنىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى ھافىزە گايە ئەركاننىڭ 11-يانۋار (2023) نىيۇ يوركتا مەبلەغلىرى 50 تىرىلىيون دولالرغا يېتىدىغان ئەڭ چوڭ مەبلەغ فوندلىرىنىڭ 200 دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر