03.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2083505
03.01.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، 2023-يىلى ئېكسپورتنىڭ ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا % 0.6 ئېشىپ، 255 مىليارد 809 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «جۇمھۇرىيىتىمىز تارىخىنىڭ ئېكسپورت رېكورتى بۇزۇلدى» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ۋەتەن» گېزىتى: تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ (ئىراقنىڭ) سۇلايمانىيە تاغلىق رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ​​زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇلمۇتالىپ دوغرۇجىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار» گېزىتى: گىرېتسىيە دۆلەت قانىلى ERT نىڭ تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئانالىز ئېلان قىلىپ: «2024-يىلى تۈركىيە-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: قارابۈكنىڭ ئەسكىپازار ناھىيەسىدىكى قەدىمكى شەھەر خادىرىيانوپولىستا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قېزىش –تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر پەتنۇسقا قويۇلغان تەخمىنەن 1400 يىللىق تارىخقا ئىگە 10 تەڭگە تېپىلغانلىقىنى؛ كونستانس II گە تەۋە مەزكۇر تەڭگىلەرنىڭ مىلادى 641-يىلىدىن 666-يىلىغىچە بولغان جەرياندا بېسىلغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى يازدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: ئانتاليانىڭ بۇلتۇر 15 مىليون 689 مىڭ 258 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، تارىخىي رېكورت ياراتقانلىقىنى؛ شەھەرگە ئۆتكەن يىلى، شەھەرگە 3 مىليون 461 مىڭ 762 ساياھەتچى يوللىغان رۇسىيەنىڭ بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر