02.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2082970
02.01.2024

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، «گالاتا كۆۋرۈكىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ يىغىلىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىستانبۇل يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تارىختىكى ئەڭ چوڭ يىغىلىشلاردىن بىرىگە سەھنە بولدى. 308 ئاممىۋى تەشكىلات ئىتتىپاقلىشىپ، «پەنچە قۇلۇپ» ھەرىكىتى رايونىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلىرىمىزنى خاتىرىلەش، ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلمىغا ئۇچراۋاتقان پەلەستىننى قوللاش ۋە تېررورلۇققا لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن بىر تەن بىر يۈرەك بولدى. ئاياسوفىيە، سۇلتان ئەھمەت، سۇلەيمانىيە ۋە ئىمىنۆنۇ يېڭى جامىلىرىدە نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشى بامداتتا ئۇچرىىشپ، گالاتا كۆۋرۈكىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. چوڭ يۈرۈش بىلەن ئىستانبۇلدىن پۈتۈن دۇنياغا كۈچلۈك ئۇچۇر بېرىلدى. پ ك ك تېررورلۇقى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمى لەنەتلەندى.

«ۋەتەن گېزىتى»، «ئالپارسلان بايراقتار: <2024-يىلى شىرناكتىكى ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى 100 مىڭ ۋارىلغا يەتكۈزىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار شىرناكتا جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا نېفىت بايقاشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ۋە بۇ يەردىكى ئىشلەپچىقىرىشنى 30 مىڭ ۋارىلغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، يەنى ئۈچ ئاي ئىچىدە، شىرناك تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۆپ نېفت ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋىلايىتىگە ئايلىنىدۇ. 2024-يىلى 100 مىڭ ۋارىللىق نىشانىمىزغا يەتكەندە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىلىك ۋىلايىتى بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، يەرلىك ۋە مىللى ئاپتوموبىل TOGG نىڭ بازارغ سالغان مودېلىT10X  نىڭ دېكابىردا 6008 كىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى، شۇنداق قىلىپ، 81 ۋىلايەتنىڭ ھەمممىسىگە TOGG يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەڭ يېڭى يەتكۈزۈلۈش  بىلەن جەمئىي 19 مىڭ 583 ئىشلەتكۈچىنىڭ ئاپتوموبىلىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى» ساياھەتچىلىكتە ئاكتىپ بىر يىلنى باشتىن كەچۈرگەن ئانتاليادا دېكابىردا ئاۋىئاتسىيە ئارقىلىق كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا رېكورت يارىتىلغانلىقىنى، يېڭى يىل ھەپتىسىدە كۈتۈۋېلىنغان چەتئەللىك مېھمانلارنىڭ سانىنىڭ 121 مىڭ 139 غا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، <FourFourTwo> ژۇرنىلى ئېلان قىلغان تىزىملىككە ئاساسەن، 2023-يىلدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 100 پۇتبولچى بېكىتىلگەنلىكىنى ۋە بۇ تىزىملىكتە خاقان چالخانئوغلۇ ۋە ئىلكاي گۈندوگاننىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر