25.12.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2080366
25.12.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىمالىي ئىراقتىكى «پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونى» دا چىققان ئېتىشىشتا شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئېكس (X) ئادرېسىدا، «بۆلگۈنچى پەسكەشلەردىن تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابى مىسلى بىلەن سورالدى ۋە سورۇلۇۋاتىدۇ. تېررورلۇقنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئىستراتېگىيەمىزنى ئاخىرقى بىر تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغىچە قەتئىيلىك بىلەن ئىجرا قىلىمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ي پ گ نىڭ ئاتالمىش ئاين ئەلئەرەب مەسئۇلى «باھوز ئافرىن» كود ئىسىملىك تېررورىستنى سۈرىيەدە بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەرنىڭ تۈنۈگۈن (24-دېكابىر) ئىراق چېگرا لىنيەسىگە بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىنىستىر ياشار گۈلەرنىڭ «پەنچە-قۇلۇپ ھەربىي ھەرىكىتى رايونى» دىكى ھۇجۇمدىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورىستلار سانىنىڭ 30 غا چىققانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايانىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا تېررورىستلارنىڭ يېزا-قىشلاقلاردا قىش ئايلىرىدا تېررورلۇق ھەرىكىتى قىلىش مەقسىتىدە غار ۋە پاناھلىنىش جايلىرىغا يوشۇرغان ھەر خىل قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان «35-قەھرىمانلار» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتتە، 10 ۋىلايەتتە 58 غار ۋە پاناھلىنىش جايلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر