18.12.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2077632
18.12.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يېڭى شەپەق» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئامېرىكالىق مەنسەپدىشى ئانتونىي بلىنكېن بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئامېرىكانىڭ نوپۇزىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ بايانات بېرىپ: «بىز تېخنىكا يۆتكەش ئارقىلىق بالىلىق مەزگىلى ئىممۇنىتېتلاش پىروگراممىسى دائىرىسىدىكى غالجىرلىق، <ئا> تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى قاتارلىق ئۈچ خىل ۋاكسىنىنى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىمىز. 2028-يىلى بارلىق ۋاكسىنىلار تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: تۈركىيە يېزا ئىگىلىك باشقارمىلىرى بىرلەشمىسى رەئىسى شەمسى بايراقتارنىڭ <تۈركىيەنىڭ 19 خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا ئالدىنقى تۆت دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى>نى بايان قىلىپ: «دۆلىتىمىز دۇنيادا كۆكتات، مېۋە قاتارلىق نۇرغۇن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى جەھەتتە ھەم دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا ھەمدە مەھسۇلات كۆپ خىللىقى جەھەتتە ئالدىنقى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنمەكتە» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: ئىستانبۇل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خاررى پوتتېر مەستانىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان «سېھىرگەرلەر دۇنياسى» دۇكىنىنىڭ تۆتىنچىسىنىڭ ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چەكلىك ساندىكى «سېھىرگەرلەر دۇنياسى» ناملىق دۇكانلار لوندون، نىيۇيورك ۋە توكيودىن كېيىن ئىستانبۇلدا ئېچىلغان.

«ستار» گېزىتى: خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە شاھىت بولغانلىقىنى؛ مۇسابىقىدە، ئەجزاجىباشى كوماندىسىنىڭ ۋاقىفبانك كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نومۇر بىلەن يېڭىپ، چېمپىيون بولغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر