15.12.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتىدا ئورۇن ئالغان بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2076947
15.12.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋەتەن» گېزىتى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىس تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، غەززەدىكى تىراگېدىيەنى تېزدىن توختىتىش كېرەكلىكىنى، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللاشتىن ۋاز كەچسە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، يېقىنقى كۈنلەردە ھەم دۇنيا ھەمدە ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ بۇ تەلەپنى تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئامېرىكانىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

«ساباھ» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ تۈنۈگۈن ئەزەربەيجاندا بايانات بېرىپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا پەقەت ئامېرىكالا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلار بۇ ئەھۋالنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك. مەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت نىڭ قارارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«ھۈررىيەت» گېزىتى: تۈنۈگۈن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىسرائىلىيە-ھاماس ئۇرۇشى توغرىسىدا توختالغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەززە تىرىشچانلىقىدا ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللىشى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ ئامېرىكادىن كۈتىدىغىنىمىز بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا بېرىۋاتقان بارلىق ياردەم ۋە قوللاشلارغا خاتىمە بېرىپ، بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىزنى سەمىمىي قوللىشىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خابەرتۈرك» گېزىتى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سانائەت ۋە تېخنىكا مىنىستىرى مەھمەت فاتىھ كاچىرنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا خىزمەت قىلىدىغان تۇنجى تۈرك ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋجىنىڭ 2024-يىلى 9-يانۋار ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر