17.10.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2051890
17.10.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈنۈگۈن (16-ئۆكتەبىر) ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك ۋە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرياكوس مىچوتاكىس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئوتتۇرا شەرقتە جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغان قەدەملەردىن يىراق تۇرۇشنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناكقا، يىللاردىن بۇيان پەلەستىنگە بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ خاتىرىلىنىشى ۋە ئورۇنلىنىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكىس بىلەن كۆرۈشكەندە، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ توغرىدا دۇنياغا سىگنال بېرىش كېرەكلىكىنى، نارازىلىقلارنى كۈچەيتىدىغان ئەمەس، بەلكى ئازايتىدىغان قەدملەرنى بالدۇرراق تاشلاشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئىسىرائىلىيە-ھاماس توقۇنۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قانات يايدۇرغان دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىم ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھانىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، پۇقرالارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ ئىسىرائىلىيە-غەززە ۋەقەلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ 1967-يىلى بەلگىلەنگەن چېگرالار بويىچە مۇستەقىل، بىرلەشكەن، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «پەقەتلا قەغەز ئۈستىدە بولغان، مەھەللە-مەھەللە بۆلۈنۈپ كەتكەن پەلەستىن ئەمەس، بەلكى زېمىن پۈتۈنلۈكى كاپالەتكە ئىگە بولغان پەلەستىننىڭ قۇرۇلۇشى ھەم ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن ھەمدە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق شەرتلىرىدىن بىرى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»،  قاتناش ۋە ئۇل-ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «6A -تۈركسات» سۈنئىي ھەمراھىنىڭ بارلىق سىناقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2024-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئالەمگە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر