28.09.2023

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2043405
28.09.2023

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجانىڭ «خاتىرىلەش كۈنى» دە بارلىق شېھىتلارنى ئەسلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «قاراباغ ۋە ئىشغال ئاستىدىكى ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ تىللاردا داستان بولغان ئازادلىق كۈرىشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدىغان خاتىرىلەش كۈنىدە، بارلىق شېھىتلىرىمىزنى رەھمەت، غازىلىرىمىزنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن، قاراباغ ئەزەربەيجاندۇر» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە نېفىت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى مەلىھخان بىلگىننىڭ ساكاريا تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونى ئىقتىدارىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە بۈگۈندىن باشلاپ ساكاريا تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونىدىن كۈنىگە تەخمىنەن 4 مىليون كۇبمېتىر گاز ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. بۇ تۈركىيەنىڭ 88 يىللىق گاز ئىشلەپچىقىرىش تارىخىدا ئەڭ يېڭى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئۇكرائىنالىق ناخشچى ۋە تېكىست يازغۇچىسى، شۇنداقلا 2004-يىللىق ياۋروپا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى رۇسلانانىڭ، دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياردىمىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»،جەنۇبىي كورېيەلىك جاز سەنئەتچىسى گې خيېلىنىڭ ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ۋە ئەدەپ-قائىدەلىك بولۇش جەھەتتە تۈركلەر بىلەن جەنۇبىي كورېيەلىكلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنى نېمە ئۈچۈن «قېرىنداش دۆلەت» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت  گېزىتى»، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئانتاليانىڭ بۇ يىل (2023) نىڭ دەسلەپكى سەككىز ئېيىدا ئۆتكەن يىل (2022) نىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %19.45 لىك ئېشىش بىلەن جەمئىي 10 مىليون 835 مىڭ 204 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر