04.07.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1851565
04.07.2022

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ستار› گېزىتى»، «گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىدىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىقرار» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

گىرېتسىيەدە چىقىدىغان  «‹Ta Nea› گېزىتى» نىڭ «ئەردوغاننىڭ سۆھبەت سەنئىتى» تېمىلىق ماقالىسىدە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىكى رولى ئالاھىدە تەكىتلنىپ، مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلقئارا سەھنىدە ئۆزىنىڭ يەنىلا ئۆزگىچە سۆھبەتلىشىش سەنئىتىنىڭ بارلىقىنى نامايەن قىلدى. بىز بەزىدە ئەردوغاننىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەجرىبە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە سىياسەتچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىز.»

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «‹پەنجە – قۇلۇپ› ھەربىي ھەرىكىتى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 – ئاپرېل كۈنى باشلانغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق رايون تېررورچىلاردىن تازىلانماقتا. دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەم غەلىبىلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىباشلىرى، باشقا تېررورچىلارنى ئۆلۈمگە تەرك ئېتىپ، قاچماقتا ئىكەن.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيەدىكى توك قاچىلاش پونكىتلىرىغا زور مەبلەغ سېلىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تۈركىيەدە توك ئاپتوموبىللىرىغا توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرگەن «توك ئاپتوموبىللىرىغا تېز توك قاچىلاش پونكىتلىرى قوللاش پىروگراممىسى» ئارقىلىق 1 مىليارد لىرا مەبلەغ سېلىندى. قوللاش پىروگراممىسى ئارقىلىق تۈركىيە تېز توك قاچىلاش ئىقتىدارىنى ئەڭ تېز ئاشۇرغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تېكنوفېست (تېخنولوگىيە فېستىۋالى) كارخانىچىلار پىروگراممىسى تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق باشلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  T3 فوندى جەمئىيىتىنىڭ  ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى سەلچۇق بايراقتارنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى: «كارخانىچىلار پىروگراممىسى ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ۋا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان ياش قېرىنداشلىرىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي تېخنولوگىيە ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى تولۇق مۇستەقىل كەلگۈسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە ھۆددىگەرلىرىنىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ئومۇمىي تىجارەت سوممىسىنى كۈندىن-كۈنگە ئاشۇرۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ چەت ئەلدىكى ھۆددىگەرلىك ساھەسىنىڭ، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۆز ئۈستىگە ئالغان 132 لايىھەنىڭ قىممىتى 4 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى. تۈركىيەنىڭ چەت ئەلدىكى ھۆددىگەرلىك ساھەسىدىكى 40 شىركەت، خىتاي ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر