30.06.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1850246
30.06.2022

«‹ساباھ› گېزىتى»، «ئەردوغان ۋە بايدىننىڭ ئۇچرىىشىشى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى. ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر،  بولۇپمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسلىسىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشىدۇ» دېدى ۋە يەنە ئاشلىق كارىدورى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز تەڭپۇڭلۇق سىياسىتى بىلەن بۇ جەرياننى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «مادرىدتىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى: 2 دۆلەتكە ناتونىڭ تەكلىپى... تۈركىيەگە رەخمەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلگەن 32 - نۆۋەتلىك شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە دوكلاتتا، «بۈگۈن بىز فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش ۋە قوشۇلۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى قارار قىلدۇق» دېيىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتتى ۋە: «بۇ كېلىشىم تۈركىيە ئۈچۈن شۇنداقلا شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئۈچۈنمۇ ياخشى كېلىشىم بولدى» دېدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە قەتئىي مەيدانىنى بۇزمىدى، مادرىدتا فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە بىلەن ئىمزالانغان «ئۈچ تەرەپ كېلىشىمى» دە كونكرېت نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. كېلىشىم دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى. جەرياننى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان دۇنيا مەتبۇئاتلىرى تۈركىيەنىڭ ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغاننى قولغا كەلتۈرگەندلىكىنى يازدى. «The Economist» ژۇرنىلى تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كاندىداتلىقى ئۈچۈن فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيەنى توسۇشنى بىكار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەرلەرگە «رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەلىبە بىلەن قايتتى» دېگەن سەرلەۋھە ئىشلىتىلدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەگە مۇھىم ۋەزىپە بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تۈركىيەگە بىر يىل داۋام قىلىدىغان ھالقىلىق بىر ۋەزىپىنى تاپشۇردى. ناتونىڭ مىنا ئۇرۇشىغا قارىتا دېڭىز ئارمىيەسى مەشىق پائالىيەتلىرىگە مەسئۇللۇق ۋەزىپىسىنى ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دائىملىق مىناغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى دېڭىز ئارمىيەسى 2 - گۇرۇپپىسىنىڭ قوماندانلىقىنى بىر يىللىق مۇددەت بىلەن تۈركىيەگە تاپشۇردى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئىستانبۇل ماي ئېيىدا ساياھەتچى كۈتۈۋىلىش رېكورتى ياراتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇلنىڭ ماي ئېيىدا 1 مىليون 402 مىڭ 366 چەتئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ۋە يېقىنقى 33 ئاي ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ساياھەتچى كۈتۈۋىلىش رېكورتى ياراتقانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر