28.06.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1849080
28.06.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كابېنت يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، «سۈرىيە چېگرامىزدا تەسىس قىلىنىشقا باشلانغان بىخەتەرلىك كارىدورىنىڭ كەم قالغانلىرىنى تاماملاشقا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىقلىرىمىزنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، ئۇ يەردە يېڭى ھەرىكەتلەرنى باشلايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ، «ھەممىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك قايغۇلىرى ناتوغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. ھېچقانداق ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەدىن كۆپ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانىڭ، «ئادانادا قېزىلغان ئىككى قۇدۇقتا يۇقىرى سۈپەتلىك نېفىت بايقىدۇق. نېفىت زاپىسى تەخمىنەن 1 مىليارد دوللار قىممىتىدە ھېسابلاندى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئانتالياغا 2022-يىلى 1-يانۋاردىن 26-ئىيۇنغىچە ئايروپىلان بىلەن كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ، ئۆتكەن يىلنىڭ (2021) ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرۇلغاندا %193 ئېشىپ، 4 مىليونغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر