16.05.2022

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1827620
16.05.2022

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، «چاۋۇشئوغلۇ فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى، <ئۇلار تېررورلۇقنى قوللاىغانلىقى ئۈچۈن قارشىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىنغا يېتىپ باردى. فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا دائىر باياناتىدا، فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە تېررورلۇقنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن تەشكىلاتقا ئەزا بولۇشىغا قارشىمىز» دېدى.

«‹خەبەر تۈرك› گېزىتى»، «ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، باش كاتىپ جېنس ستولتېنبېرگنىڭ شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان ئەزالىق مەسىلىسىگە قارىتا: «تۈركىيە مۇھىم ئىتتىپاقداشىمىز. تۈركىيە بىر قىسىم ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ناتودا ھەر دائىم بولغىنىغا ئوخشاش ئەندىشەلەر ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئورتاق پىكىر تاپالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە ئىستىخبارات تەشكىلاتى كوبانىدا ھەرىكەت ئېلىپ باردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، مەخپىي ئىسمى خەيرى ۋە ئەسلى ئىسمى ئەكرەم ئۇستەك بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسىنى سۈرىيەنىڭ ئاينولاراپ (كوبانى) رايونىدا يوشۇرۇنغان يېرىدە ئۇجۇقتۇردى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «رۇسىيە ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ دەم ئېلىش يېتەكچىسى: <تۈركىيە تەڭداشسىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

رۇسىيە ساياھەت جەمئىيىتى (ATOR) تەرىپىدىن ھەمبەھىرلەنگەن يازمىدا، تۈركىيەنىڭ تەمىنلىگەن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن رىقابەتچىلىرىنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى. رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قارىتا «ئەڭ ياخشى» دەپ باھا بەردى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «پەۋقۇلئاددە كۆپ ساياھەت كېمىسى بودرۇمغا كەلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىگە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئىككىنچى ساياھەت كېمىسى بولغان، <ئۇچار تۈلكە> ناملىق كېمىنىڭ لەڭگەر تاشلىغانلىقىنى، جايمان تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان پەۋقۇلئاددە چوڭ ساياھەت كېمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 136 مېتىر، كەڭلىكىنىڭ 21 مېتىر كېلىدىغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر