27.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1753202
27.12.2021

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ۋەتەن› گېزىتى»، «ئەردوغان ئۆسۈم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ، ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «كېڭەيتىلگەن ۋىلايەتلىك مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى» دا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ئۆسۈم بايلارنى تېخىمۇ باي، نامراتلارنى تېخىمۇ نامرات قىلىدۇ، ئۆسۈم پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بىز بۇ چاقنى بۇزۇپ تاشلاپ، خەلقىمىزنى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يەتكۈزىمىز.»

«‹ستار› گېزىتى»، «دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىدە يەنە بىر مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلتۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ يەنە بىر مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى «HİSAR O» نىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك نىشاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوقىتىش نىشانىغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»،  «ئەشيا ئوبوروتى يۇلتۇزى تۈركىيە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

قاتناش ساھەسىدە كېسىشىش ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارىماي قاتناشتا تەرەققىي قىلدى، 11 ئاي ئىچىدە ھاۋا يولىدا توشۇلغان يۈكنىڭ مىقدارى 3 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتتى، ھەرقايسى نېفىت پاراخوتلىرىغا قاچىلانغان كونتېينېرلارنىڭ 9.9 پىرسەنتى تۈركىيە بايراقلىق پاراخوتلار ئارقىلىق توشۇلدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئانتاليا 9 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش نىشانىغا مۇددەتتىن بۇرۇن يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە،  تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

ساياھەت شەھىرى ئانتاليادا، 2021-يىلى ئۈچۈن بېكىتىلگەن 9 مىليون ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىش نىشانىغا، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يېتىلدى. 2021-يىلى  «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا كىرگەن ئانتاليا، ئىيۇل ئېيىدا باشلانغان ساياھەت پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن 9 مىليون 2 مىڭ 217 ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «بۇنىڭدىن 2200 يىل ئىلگىرى تۈركلەر ياسىغان» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

بۇنىڭدىن 2200 يىل ئىلگىرى تۈركلەر قۇرغان سۇ يوللىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر « ئىنژېنېرلىق مۆجىزىسى» دەپ قارىلىدۇ. كارىز قانىلى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يەر ئاستى سۇ تورى سىستېمىسى، ئوتتۇرا ئاسىيادا، تۇرپان رايونىدا ياسالغان بولۇپ، مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر