24.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1752140
24.12.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ساباھ» گېزىتى: «تۈرك لىراسى ئەردوغاننىڭ تاشلىغان قەدىمى بىلەن كۈچەيدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك تاشلىغان قەدىمى سايىسىدا بانكىلاردىكى تاشقى پېرېۋوت قوغدىلىنىدىغان تۈرك لىراسى ئامانەت پۇل ھېساباتلىرىغا 10 مىليارد تۈرك لىراسىنىڭ ياتقۇزۇلغانلىقىنى، 700 مىليون دوللارلىق تاشقى پېرېۋوت ھېساباتىنىڭ تۈرك لىراسىغا ئايلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن بانكىلارغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دوللار، ياۋرو ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ رېكورت دەرىجىدە تۆۋەنلىشىگە يول ئاچقان چېكىنىش ۋە ئەردوغانغا بولغان ئىشەنچكە ماس ھالدا ئىقتىسادتىكى تۈرك لىراسىنى كۈچەيتىدىغان تەرەققىياتلار ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن.

«ھۆررىيەت» گېزىتى: «سەھىيە مىنىستىرى كوجانىڭ تۇركوۋاك باياناتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان يەرلىك ۋاكسىنا — تۇركوۋاكنىڭ ئىلىم - پەن دۇنياسىنى ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز تۇركوۋاك ۋاكسىنىسىنى ساقلاۋاتقانلارغا ۋە تولۇقلاپ ئەملىتىش ئۈچۈن تۇركوۋاكنى تاللىغانلارغا <بۇ كۈرەشنى ئۆز ۋاكسىناڭلار بىلەن ئېلىپ بارىسىلەر> دېگەننى ئۇقتۇرۇشنى خالايمىز» دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«ۋەتەن» گېزىتى: «تۈركىيە دۇنيا بازارلىرىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى نۇرەتتىن نەباتىنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىساد مودېلىنىڭ دېموكراتىك ئەنئەنىگە ئىگە، ئەركىن بازار ئىقتىسادىغا باغلىق بىر مودېل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ «ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تاماملىغان، ئەشيا ئوبوروتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ۋە دۇنيا بازارلىرىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدىكى بىر دۆلەت» ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسىدە ئادەتتىن تاشقىرى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«ستار» گېزىتى: «تۈركىيە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى ۋە تەمىنلەش بازىسىغا ئايلىنىش يولىدا ئاچقۇچلۇق قەدەم تاشلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور سەفەر شەنەرنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىن كېيىن ئىقتىسادتىن سىياسەتكىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپىگە ئۆتۈش سۈرئىتىنىڭ ئاشقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ۋەزىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى ۋە تەمىنلەش بازىسىغا ئايلىنىش ئۈچۈن كىلاسسىك ئىقتىساد چۈشەنچىسىدىن ھالقىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «پۈتكۈل دۇنيا پۇل پاخاللىقىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە قارشى پۇل سىياسەتلىرىنى چېڭىتقان بولسا، تۈركىيەنىڭ دىققىتىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرگەنلىكى» نى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتى: «بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنالىق قوماندان مىللىي ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى، لېيتېنانت گېنېرال سېناد ماسوۋىچنىڭ بايراقتار دۆلەتلىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەتقىق قىلىش — تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقىنى، بايراقتار تېخنولوگىيە شىركىتى مۇدىرى سەلچۇق بايراقتارنىڭ ماسوۋىچقا ھەمراھ بولغانلىقىنى يازدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سەلچۇق بايراقتار ماسوۋىچنىڭ زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا،  بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ: «يەرشارىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولماي تۇرۇپ، ئاسماننىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇشىمىز كېرەك!» دېگەن سۆزىگە ئورۇن بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر