20.12.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1749899
20.12.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى كىرىزىسلارغا قارشى بەرداشلىق بېرىش كۈچى ۋە كىرىزىسلارنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش مەسىلىسىدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاستىدا، كۈچلۈك ئاستىقۇرۇلما بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش رەقەملىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئېكسپورت ۋە خامچوت تەڭپۇڭلۇقلىرى قاتارلىق بارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ، تۈركىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، دۇنيا مىقياسىدا مۇۋەپپەقىيەتتىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە سۈنئىي ھەمراھ فىلوتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەزاسى بولىدىغان «تۈركسات سۈنئىي ھەمراھى» نىڭ، ئامېرىكا فلورىدا ئىشتاتىدىكى «كېيىپ كانېۋېرال بازىسى» (Cape Canaveral) دىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن سۈنئىي ھەمراھ بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئوربىتادىكى جەمئىي خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى سانىنىڭ سەككىزگە چىققانلىقى ۋە بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ مەلۇمات يەتكۈزۈش سۈرئىتى ھەمدە ئىقتىدارىنىڭ 15 ھەسسە ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ستار گېزىتى»، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن سكوت كرىنو (Scott Crino) تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «TB2-بايراكتار» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «سۈرىيە، لىۋىيە ۋە قاراباغدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئاستىدا تۈركىيەنىڭ ئىشلەپچىقرىش مۇتەخەسسىسلىكى بار. تۈركىيەنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى، باشقا دۆلەتلەر يېقىندىن كۆزىتىشى كېرەك بولغان مۇكەممەل مەنزىرە» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە ۋاكسىنا ئىنىستىتۇتى باشلىقى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلىم كېڭىشىنىڭ ئەزاسى پىروفېسسور دوكتور ئاتەش كارانىڭ، يەرلىك ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى سىناقلىرىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارنىڭ ئىنتايىن مۇسبەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركوۋاك ۋاكسىناسى ئەملەتكەن كىشىلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئېغىر كېسەل بولغانلارنىڭ يوقلۇقى، ۋاكسىنانىڭ ئۇلاردا ئانتېتىلا سەۋىيەسىنى تېز يۇقىرىلاتقانلىقى ۋە ئۈچىنچى ۋاكسىنا سۈپىىتىدە خاتىرجەم ئەملەتكىلى بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، ۋاكىف بانكاسى ئاياللار كوماندىسىنىڭ، دۇنيا ئاياللار ۋالىيبول كۇلۇبلار چېمپىيونلۇقىدا، ئىتالىيەنىڭ ئىموكو كونېگلىيانو (Imoco Conegliano) كوماندىسى ئۈستىدىن 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ، تۆتىنچى قېتىم چېمپىيون بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر