25.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1738458
25.11.2021

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن تۈركىيەگە مۇھىم زىيارەت» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەبۇزەبى تەخت ۋارىسى شەيخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 ساھەدە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «<F-16s> تىپلىق يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ئايروپىلان ئوق- دورا پونكىتى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى دائىرىسىدە، يەرلىكلەشتۈرۈلگەن <F-16s> تىپلىق ئايروپىلان ئوق-دورا پونكىتى يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىشقا باشلاندى. دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ئېكسپورت ئۈچۈن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «<Turksat 5B>» سۈنئىي ھەمراھى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا قويۇپ بېرىلىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمايلئوغلۇنىڭ: «12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكانىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا قاراشلىق كېپ كاناۋېرال بازىسىدىن فالكون 9 تىپلىق راكېتا بىلەن <Turksat 5B> سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىش پىلانلاندى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ستار› گېزىتى»، «تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (TIKA) ئافغانىستاندىكى يېتىم بالىلارنى خۇشال قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (TIKA) نىڭ ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا ئالائاددىن قىزلار يېتىمخانىسىغا يېمەكلىك ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە يېتىمخانا ياتىقىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەزىزە ئەزىزىنىڭ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى (TIKA) غا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، «تۈركىيە سومون بېلىقى ئېكسپورتىدا رېكورت ياراتماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە سومون بېلىقى ئېكسپورت خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى ئوسمان پارلاق يۇقۇمغا قارىماستىن ئالدىنقى 10 ئاي ئىچىدە 18 دۆلەتكە جەمئىي 120 مىليون 946 مىڭ 674 دوللارلىق ئېكسپورتنى ئىشقا ئۇشۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئوسمان پارلاق ئېكسپورتىنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ رۇسىيەگە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر