22.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1737010
22.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ستار گېزىتى»، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچنىڭ  گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس دېندىياسنىڭ تۈركىيە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تانجۇ بىلگىچنىڭ، «تۈركىيەنىڭ رايونىدا ۋە يېقىن ئەتراپىدا تىنچلىق ھەمدە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىدا ئويناۋاتقان ئاچقۇچلۇق رولىغا چىدىيالمىغان گىرېتسىيەنىڭ، تۈركىيە بىلەن ھەر بىر مەسىلىدە رىقابەتلىشىشكە ئۇرۇنۇشى، ھەمكارلىشىشنىڭ ئورنىغا يىرىكچىلىكنى تاللىشى ۋە تۈركىيەگە قارشى سۈنئىي ئىتتىپاقلار پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، بىھۇدە ئىشلاردۇر» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، لىۋىيەنىڭ شەرقىدە ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر بىلەن تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەتتە تۈرك پۇقراسىنىڭ، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ قاتار ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇلار بىلەن  تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

«ساباھ گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىدە، بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تېخنولوگىيەسىدە دۇنيادا ئۆرنەك بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكادىن سېتىۋالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى تۈركىيەدە سىناق قلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، ساكاريا تەبىئىي گاز مەشغۇلات رايونىدىكى «2-تۈركئەلى» قۇدۇقىدا قىلىنغان گاز يەتكۈزۈش سىنىقىدا، كۈنلۈك مىقدارىنىڭ 650 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ مۇھىم ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ كۇشاداسى ناھىيەسىگە 2022-يىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 650 يولۇچىلار پاراخوتى بىلەن 750 مىڭ ساياھەتچىنىڭ تىزىملاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.         


خەتكۈچ: #ساباھ , #ستار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر