19.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1735987
19.11.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «خەبەر تۈرك گېزىتى»، بۇلغارىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلقىغا چاقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بۇلغارىيەدىكى سايلامغا تۈركىيەنىڭ ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، بۇلغارىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئانگۇئېل خرىستوۋ تچولاكوۋغا، تۈركىيەنىڭ بۇلغارىيە سايلىمى رامكىسىدا، تۈركىيەدە بېلەت تاشلاش مەسىلىسىدە ھەر خىل ھەمكارلىقلارنى ئاساس قىلىپ، زۆرۈر ئاسانلىقلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

«ھۆررىيەت گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىڭ، «بۈگۈن تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىدە دۇنيادىكى تەمىنلىگۈچىلەر چىقارغان بارلىق توسقۇنلۇقلارغا ۋە يولغا قويغان ئاشكارا-مەخپىي ئېمبارگولارغا قارىماستىن، مىللىي مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ھېچكىمگە موھتاج بولماستىن قىلالايدىغان ۋە بۇنىڭدا ئۆزىنى ئىسپاتلىيالايدىغان ئەھۋالدا» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خۇش خەۋەر بېرىپ، 4-بۇرغىلاش پاراخوتىنىڭ 2022-يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىنى ۋە بۇ پاراخوتقا «ئالپئارسلان» ئىسمىنىڭ بېرىلگەنلىكىنى  ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ساباھ گېزىتى»، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاخىرقى سانائەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلىپ، تۈركىيەنىڭ 2021-يىلنىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە %7.84 ئىقتىسادىي ئېشىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئېكسپورتتا ئارقا-ئارقىدىن قولغا كەلگەن رېكورتلار، مال ئىشلەپچىقىرىش ياكى مۇلازىمەت كەسپىدىكى كۈچلۈك سىگناللارغا ئاساسەن تەخمىن قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر