18.11.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1735587
18.11.2021

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «ئەردوغان: <ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشىنى كۈتمەكتىمىز> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدە ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىسپانىيە بىلەن ئورتاق ئاۋىياماتكا ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئېغىر يۈكلەرنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تاموژنا ئىتتىپاقىنى يېڭىلاش ۋە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى باشلاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«‹ستار› گېزىتى»  «سانچېز: <تۈركىيە ئوتتۇرىچە ھېسابتىنمۇ يۇقىرى ئۆرلىمەكتە> دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز تۈركىيە بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ پەۋقۇلئاددە سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، «تۈركىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئوتتۇرىچە ھېسابتىنمۇ يۇقىرى ئۆرلىمەكتە ۋە بۇ كەلگۈسىدىمۇ داۋاملىشىدۇ» دېدى. سانچېز تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئامېرىكا بىلەن مۇداپىئە يىغىنى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئامېرىكا بىلەن ھەربىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى 4 يىلدىن كېيىن ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. ئۆزئارا ۋە رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان يىغىننىڭ «ئىجابىي» ۋە «نەتىجىلىك» بولغانلىقى ئېلان قىلىندى. كېيىنكى يىغىن تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «تۈركىيە ساياھەتتە ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەنىمۇ ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۇنيا مىقياسىدا ساياھەت تارماقلىرى يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى كوۋىد-19 نىڭ تەسىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. لېكىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىمۇ باشلانغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. تۈركىيە يېقىنقى ئىككى يىلدا ساياھەتچىلىكتە ئاق دېڭىز ئويمانلىقىدىكى دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى. 2021-يىلىنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەدىنمۇ كۆپ چەتئەللىكلەر ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

«‹ۋەتەن› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى دۇنيا بازىرىدا %1 گە يەتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، «تۈركىيە يېقىنقى 20 يىلدا تۇنجى قېتىم دۇنيا ئېكسپورتىدا %1 لىك سەۋىيىگە يەتتى» دېدى.  مەھمەت مۇش ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتقا سېلىشتۇرغاندا ئۆكتەبىردە %93.4 بولغانلىقىنى، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %7.2 ئېشىپ، %84.3 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر