25.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1724401
25.10.2021

«‹ستار› گېزىتى» «قاراباغدا بىر يېڭىلىق؛ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئەردوغانمۇ قاتنىشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مۇشۇ يىل (2021) ئىچىدە ئۈچىنچى قېتىم ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئەزەربەيجان ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلغان قاراباغدا سېلىنغان تۇنجى ئايرودۇرۇم «فۇزۇلى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى» نىڭ ئەتە (26-ئۆكتەبىر) ئەردوغان قاتنىشىدىغان ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى يازدى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «مىنىستىر سويلۇ ئېلان قىلدى، ئۇلار ئۇجۇقتۇرۇلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ھاككارىدا 2 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سۇلايمان سويلۇ تۈنۈگۈن (24-ئۆكتەبىر) ئېلان قىلغان باياناتىدا، «چۇكۇرجا چېگراسىدىن كىرگەن 2 تېررورچى ژاندارما قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا ياردىمى بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلدى. قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدە جەسەتلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى» دېدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»،   «ئالاقىدار ھوقۇقلۇق كىشى ئالتۇن چىقىرىش ئۈچۈن ۋاقىت بەردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە «مىللىي ئېنېرگىيە ۋە كانچىلىق» سىياسىتى دائىرىسىدە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. يېزا ئىگىلىكى قەرز ۋە ئوغۇت تېشى، كان سېلىنمىلىرى ھەسسىدارلىق شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى فاھرەتتىن پويراز بىلەجىككە قاراشلىق سۆگۈت ناھىيەسىدىكى ئالتۇن زاپىسى ۋە كان رايونىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ: «بىز 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چوكا ئالتۇنلىرىمىزنى ئىشلەپچىقىرىپ، تۈركىيە ئىقتىسادىغا ھەسسە قوشىمىز» دېدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «يۇقىرى سۈرئەتلىك نىشان ئايروپىلان سىستېمىسى، چاقماق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئۆزگەرتىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تۈركىيە ئاۋىياتسىيە سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى (TUSAŞ) تەتقىق قىلىپ ياسىغان چاقماق يۇقىرى سۈرئەتلىك نىشان ئايروپىلان سىستېمىسى ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئۆزگەرتىلدى» دېگەنلىكىنى يازدى.

«‹ھۆرىيەت› گېزىتى»، «سىئېننا فوتوگراف مۇكاپاتىدا تۈرك فوتوگرافچى مەھمەت ئاسلان بىرىنچى بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

163 دۆلەتتىن فوتوگرافچىلار قاتناشقان دۇنيا بويىچە ئەڭ نوپۇزلۇق فوتو سۈرەت مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرى بولغان «سىئېننا فوتوگراف مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبلىرى ئېلان قىلىندى. تۈرك سەنئەتكار مەھمەت ئاسلان بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مەھمەت ئاسلان تارتقان <ھاياتتىكى قىيىنچىلىق> ناملىق سۈرەتتە سۈرىيەلىك بىر ئاتا - بالىنىڭ ھېكايىسى مەزمۇن قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر