14.10.2021

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1719593
14.10.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: <<يېڭى شەپەق گېزىتى>>، سۈرىيەدىكى پ ك ك ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەگە قاتتىق سىگناللارنى بەرگەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ: <<ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى. تېررورىستلارنىڭ تازىلىنىشى ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىمىز>> دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە شېھىت بولغان ئەسكەرلەر ئۈچۈن تۈركىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئۈچۈن ئېلان قىلغان تەزىيە تېلېگراممىسىغا سەمىمىي ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

<<ستار گېزىتى>>، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياۋروپاغا ئوخشىمىغان يوللار بىلەن گاز يەتكۈزۈشنى كۆپەيتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: <<تۈركىيە زېمىنى، ماۋى ئېقىم لىنيەسى، تۈرك ئېقىمى ۋە ئۇكرائىنا ئارقىلىق گاز يەتكۈزۈشنى كۆپەيتىۋاتىمىز. يەنە كۆپەيتىش تەلەپ قىلىنسا، بىز تەييار>> دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

<<ھۆررىيەت گېزىتى>>، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نېپالنىڭ مۇگۇ رايونىدا 32 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئاپتوبۇس ۋەقەسى سەۋەبى بىلەن نېپال ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

<<ۋەتەن گېزىتى>>، ئەرەب تاراتقۇلىرىنىڭ تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىرنىڭ پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ <<90B ئاگوستا>> تىپلىق دېڭىز ئاستى پاراخوتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەرەب تاراتقۇلىرى ئىسمائىل دەمىر: <<مۇداپىئەدە سىياسىي بېسىملار بار. مەسىلەن، پاكىستاننىڭ فىرانسىيەدىن سېتىۋالغان دېڭىز ئاستى پاراخوتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى كۆتۈرەگە بېرىشتە، فىرانسىيە قاتتىق بېسىم قىلدى، ئەمما تۈركىيە مۇداپىئە تېخنولوگىيەلىرى ئىنژېنېرلىق ۋە سودا چەكلىك شىركىتى غەلىبە قىلدى>> دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجراتقان.

<<خەبەر تۈرك گېزىتى>>، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى Kovid-19)) غا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان تۈركوۋاك (Turkovac) ۋاكسىناسىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق سىناق ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، فاھرەتتىن كوجانىڭ كىشىلەرنى تۈركوۋاك ۋاكسىناسى تەتقىقاتلىرىدا پىدائىي بولۇشقا چاقىرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر